ياۋروپا ئىتتىپاقى سۈرىيە مەسىلىسى ۋە ئەسەدنىڭ قىلمىشلىرى توغرۇلۇق يىغىن چاقىردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئالاقە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالىي ۋەكلى فېدېرىكا موگېرنىسۈرىيە مەسىلىسى ۋە ئەسەدنىڭ قىلمىشلىرى ئۈسىتىدە توختالدى.

929130
ياۋروپا ئىتتىپاقى سۈرىيە مەسىلىسى ۋە ئەسەدنىڭ قىلمىشلىرى توغرۇلۇق يىغىن چاقىردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئالاقە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالىي ۋەكلى فېدېرىكا موگېرنى سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ قورشاۋى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان شەرقىي غۇتەدە كۈندە 5 سائەت ئوق چىقىرىشنى توختىتىشنىڭ قارار قىلىنىشىنىڭ  ياخشى  بولغانلىقىنى لېكىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشىدە سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرۇلۇق مەخسۇس چاقىرىلغان يىغىندا سۆز قىلغان فېدېرىكا موگېرنى، بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ شەرقىي غۇتە خەلقى بىلەن مېدىتسىنا بۇيۇملىرىنى بومباردىمان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى، ھەتتا رايوندىن قېچىشقا تەمشەلگەنلەرنىمۇ ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

موگېرنى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ھازىرغىچە ئىشقا ئاشۇرۇلماي كېلىۋاتقان نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېگانە يولى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە خىزمەت قىلىشتۇر، سۈرىيەدە ئادىل ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىشتا جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان سۈرىيە سۆھبەتلىرى تولىمۇ مۇھىمدۇر.»

سۈرىيەدە كۈندە 5 سائەت ئوق چىقىرىشنى توختىتىشنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى ئېيتقان موگېرنى: مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بۇ يېتەرلىك ئەمەس، ئەسەد ھاكىمىيىتى ھۇجۇملىرىنى تەلتۆكۈس توختىتىشى لازىم، دېدى.

موگېرنى شەرقىي غۇتەدە مىڭلارچە ئادەمنىڭ باشقا جايغا كېتىش ئۈچۈن كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ب د ت غا تەۋە ياردەم ئەترەتلىرىنىڭ دۇماغا كىرگەنلىكىنى، بىراق ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ رايوننى بومباردىمان قىلىشى سەۋەبىدىن ياردەم بۇيۇملىرىنى تارقىتىش خىزمىتىنىڭ ئاقساپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى  24-فېۋرالدا شەرقىي غۇتە بولۇپ سۈرىيەنىڭ بارلىق رايونىدا ئوق چىقىرىشنى توختىتىشنى قارار قىلغان بولسىمۇ،  بىراق دەرھال ئىجرا قىلىنىشى قارار قىلىنغان مەزكۇر ئوق چىقىرىشنى توختىتىش قارارنامىسىنى قانداق باشلاش مەسىلىسى ئېنقىسىز بولۇپ قالغانىدى. رۇسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ قارارىدىن كېيىن 27-فېۋرالدا ئوق چىقىرىشنى توختىتىشنىڭ ھەر كۈنى سۈرىيەدە ۋاقتى 09:00دىن 14:00غىچە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭمۇ بۇنىڭغا رىئايە قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر