«تۈركىيە - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىسنى ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز»

ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى گېنېرال جوزېف ۋوتېل تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۈرىيە كىرىزىسىگە ئالاقىدار سۈركىلىشلەرنى دىپلوماتىك ۋە ھەربىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

929573
«تۈركىيە - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىسنى ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋوتېل ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئافرىقا قىسىملىرى قوماندانى توماس ۋالدىوسېر بىلەن پالاتادىكى قوراللىق خىزمەتلەر كومىتېتىدا ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، سۈرىيە كىرىزىسى توغرۇلۇق توختالدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەگە ئوخشىغان بىر ئىتتىپاقدىشى بىلەن سۈرىيەدىكى مەنپەئەتلىرىنىڭ رىقابەت ھالىتىدە بولۇشىغا ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ناتو دىكى ئىتتىپاقدىشى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشتىكى مۇھىم ھەمراھى ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي چېگرا رايونلىرىدا قانۇنلۇق بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرىنىڭ بارلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ بۇنى چۈشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ چېگرا لىنىيەلىرىنى بويلاپ تېررورىزم سەۋەبلىك قانۇنلۇق ئەندىشىلىرى بار، بۇنى ئوبدان چۈشىنىمىز. بۇ ئارىمىزدا بىرئاز سۈركىلىشلەرگە سەۋەب بولدى. بۇنى تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە دىپلوماتىك ۋە ھەربىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز.»

ۋوتېلنىڭ تۈركىيە – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلەشلەر مەسىلىسىدە رۇسىيەنى ئەيىبلىشى دىققەت قوزغىدى.

رۇسىيەنىڭ ئالدى بىلەن ئامېرىكا – تۈركىيە ئوتتۇرىسىغا نىپاق سوققانلىقىنى، ئاندىن مۇرەسسەچىلىك رولىنى ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋوتېل مۇنداق دېدى: «رۇسىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئويناۋاتقان رولىدىن ۋە بۇنىڭ مۇناسىۋەتلىرىمىزنى بولۇپمۇ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى مەسىلىسىدە ئەندىشىلىرىم بار.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر