دۇنياغا داڭلىق فىزىكا ئالىمى خاۋكىڭ ۋاپات بولدى

ئالبېرت ئېينىشتىندىن قالسا ئەڭ ئەقىللىق فىزىكا ئالىمى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان خاۋكىڭ76 يېشىدا ۋاپات بولدى.

929126
دۇنياغا داڭلىق فىزىكا ئالىمى خاۋكىڭ ۋاپات بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنياغا داڭلىق فىزىكا ئالىمى خاۋكىڭ 76 يېشىدا ۋاپات بولدى.

خاۋكىڭنىڭ ئائىلىسى مەرھۇمنىڭ كامبرىجتىكى ئۆيىدە تاڭ سەھەردە ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خاۋكىڭنىڭ پەرزەنتلىرى لاكىي، تىموتى ۋە روبېرتلار دادىسىنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا توختىلىپ: دادىمىزنىڭ ۋاپاتىدىن تولىمۇ قايغۇردۇق، ئۇ داڭلىق ئالىم ئىدى، دېيىشتى.

خاۋكىڭ ھايات ۋاقتىدا ئالس (مۇسكۇلنىڭ يىگىلەپ قېلىش كېسىلى)كېسەللىكى سەۋەبىدىن بەدىنىنىڭ ئاساسەن ھەممە قىسمىنى ئىشلىتەلمەيتتى، بىراق ئۇ ئۆزىگە ئاتاپ مەخسۇس لايىھلەپ چىقىلغان كومپيۇتېر سىستېمىسى ئارقىلىق باشقىلار بىلەن ئالاقە ئورنىتاتتى، كومپيۇتېرغا مەڭىز مۇسكۇلى بىلەنلا بۇيرۇق چۈشۈرەلەيدىغان خاۋكىڭ بۇ تەرىقىدە كۈندە 2500 سۆز بىلەن ئالاقە قىلىپ، تەتقىقاتلىرىنى داۋاملاشتۇراتتى.

خاۋكىڭ بىلىم ساھەسىدە كۋانت فىزىكىسى ۋە قارا تۆشۈك ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ئەتراپلىق تەتقىقاتلىرى بىلەن تونۇلغانىدى.

خاۋكىڭ بۇلتۇر ب ب س (BBC) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ 75 ياشقىچە ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقىنى پەقەتلا ئويلاپ باقمىغانلىقىنى، بىراق تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە بىلىم جۇغلانمىسىنى بىلىم دۇنياسى بىلەن ئورتاقلىشالىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

21 ياشتا دوختۇرنىڭ  ھەرىكەت نېۋرونى دىئاگىنوزى قويۇپ ئىككى ياكى ئۈچ يىل ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى دېگەن خاۋكىڭ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى 54 يىللىق ئۆمرىدە چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ تەتقىقات خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلدۇرغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەنىدى.

تەتقىقات خىزمەتلىرىنى ئائىلىسى ۋە دوستلىرىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا قىيىنچىلىقلارغا قارىماي داۋاملاشتۇرغانلىقىنى ئېيتقان خاۋكىڭ، پۈتكۈل خىيالىنىڭ ھەرىكەت نېۋرونى كېسەللىكىگە چارە تېپىش ياكى ھېچ بولمىغاندا بۇ كېسەللىكنى نسبەتەن بولسىمۇ يىنىكلىتىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.

ئالبېرت ئېينىشتىندىن قالسا ئەڭ ئەقىللىق فىزىكا ئالىمى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان خاۋكىڭ دۇنيا – Pi كۈنى  سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان 14-مارتتا ۋاپات بولدى.

خاۋكنىڭ ھاياتى 2015-يىلى قويۇلغان «ھەر نەرسىنىڭ نەزىرىيەسى»ناملىق فىلىمنىڭ تېمىسى بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر