خىتاي: ترامپنىڭ كورېيە پىرېزىدېنتلىرى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئۇچرىشىشلىرىنى قوللايمىز

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جائىن ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇچرىشىشلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

928828
خىتاي: ترامپنىڭ كورېيە پىرېزىدېنتلىرى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئۇچرىشىشلىرىنى قوللايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جائىننىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى سۈپىتىدە خىتايغا يېتىپ بارغان دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى چۇڭ ئەييوڭ بىلەن كۆرۈشكەن.

چۇڭ ئەييوڭنى شىمالىي كورېيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئەۋەتكەنلىكى ئۈچۈن مون جائىنغا يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان شى جىنپىڭ، ئاپرېلنىڭ ئاخىرلىرى مون جائىن بىلەن كىم جوڭئۇن، ماي ئېيىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇن ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇچرىشىشلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرگەن.

شىمالىي كورېيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن شى جىنپىڭ، ۋاشىنگتون بىلەن پىيوڭياڭ ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگ ۋە مۇزاكىرىلەرنى قوللايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن ھەمدە كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو قوراللىرىدىن خالىي قىلىنىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورمانلاشتۇرۇلۇشى مەسىلىسىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنىڭ ھاسىل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.

جەنۇبىي كورېيە ئالاھىدە ۋەكىلى چۇڭ ئەييوڭ كورېيە يېرىم ئارىلىدا مۇھىم ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھاسىل قىلىنىشىدا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن.

بۇ ھەقتە شى جىنپىڭغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان چۇڭ ئەييوڭ، سېئۇل ھۆكۈمىتىنىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىدا مەۋجۇت پوزىتسىيەسىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن داۋاملىق زىچ ئالاقە ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جائىن شىمالىي كورېىيە تەرەپ بىلەن پىيوڭ قىش پەسىللىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جەريانىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن جەنۇبىي كورېىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىچى مەسلىھەتچىسى  چۇڭ ئەييوڭنى بىر ھەيئەت بىلەن ئالاھىدە ۋەكىلى سۈپىتىدە بۇ دۆلەتكە ئەۋەتكەن ئىدى.

چۇڭ ئەييوڭ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئاپرېلنىڭ ئاخىرلىرى بىر يەرگە جەم بولۇشى توغرۇلۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلغان ئىدى.

شىمالىي كورېيەدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا زىيارەتتە بولغان چۇڭ ئەييوڭ، كىم جوڭئۇننىڭ سىگنالىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا يەتكۈزگەن ئىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپمۇ كىم جوڭئۇننىڭ سىگنالىدىن خەۋەردار بولغانلىقلىرىنى ۋە تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر