ب د ت بالىلار پاراۋانلىق فوندى سۈرىيە ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) بالىلار پاراۋانلىق فوندىنىڭ سۈرىيە ۋەزىيىتىگە دائىر ئەڭ يېڭى دوكلاتى بۈگۈن ئېلان قىلىندى.

927933
ب د ت بالىلار پاراۋانلىق فوندى سۈرىيە ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 7 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان سۈرىيەدىكى قانلىق ئۇرۇشنىڭ بىر يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي مەسىلىلەرنى باشتىن كەچۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، بۇنىڭدىن سىرت، خەلقنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ يا چەت ئەللەردە مۇساپىر ياكى سۈرىيە ئىچىدە سۈرگۈن ھالەتتە ياشاۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) بالىلار پاراۋانلىق فوندىنىڭ بۈگۈن (دۈشەنبە) ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، سۈرىيەدە 86 مىڭ ئادەمنىڭ ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئەزالىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى قەيت قىلىندى.

 ب د ت بالىلار پاراۋانلىق فوندى، تېببىي ياردەم ۋە پىسخولوگىيەلىك داۋالاش خىزمىتى يېتەرلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن، سۈرىيەدىكى ئۇرۇش قۇربانلىرىنىڭ جاراھەتلىرىگە ناھايىتى ئاستا مەلھەم تېپىلىۋاتقانلىقى ياكى ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

دوكلاتتا، نۇرغۇن بالىلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، سۇرىيە مەسىلىسىنىڭ ئۇرۇشۇۋاتقان تەرەپلىرى 2017 – يىلى 900 غا يېقىن بالىنى ئۇرۇشقا ئەۋەتكەن بولۇپ، مەزكۇر بالا ئەسكەرلەرنىڭ تۆتتىن بىرى 15 ياشتىن تۆۋەن بالىلاردىن ئىبارەت ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر