ئەسەد كۈچلىرى شەرقىي غۇتەنى ئۈزلۈكسىز بومباردىمان قىلماقتا

شەرقىي غۇتەدىكى پۇقراۋى قوغدىنىش خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھاكىمىيەت كۈچلىرى بىلەن ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى رۇسىيە ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا قارىماي، شەرقىي غۇتەنى بومباردىمان قىلىشىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.

926016
ئەسەد كۈچلىرى شەرقىي غۇتەنى ئۈزلۈكسىز بومباردىمان قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججىتى ۋە رۇسىيە جاكارلىغان 5 سائەتلىك ئۇرۇش توختىتىش ئېلانىغا قارىماي، شەرقىي غۇتەنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىغا ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلىپ، يەنە 19 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

شەرقىي غۇتەدىكى پۇقراۋى قوغدىنىش خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھاكىمىيەت كۈچلىرى بىلەن ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى رۇسىيە ۋە ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا قارىماي، شەرقىي غۇتەنى بومباردىمان قىلىشىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.

پايتەخت دەمەشىقنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايونى شەرقىي غۇتەنىڭ دۇما ۋە ھارەستا ناھىيەلىرى بىلەن سەكبە، ئەربىن، ھاممۇرىيە، بەيت سەۋا، جىسرىن، مىسرابە، كەفەر بەتنە ۋە زەمەلكە بازالىرىدىكى ئاھالىلەر رايونلىرىنى تۈنۈگۈن ئەتىگەندىن بۇيان بومباردىمان قىلماقتا.

ھۇجۇملاردا زەمەلكە 10، جىسرىندا 8، سەكبەدە 1 بولۇپ جەمئىي 19 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

يارىدارلار، پۇقراۋى قوغدىنىش ئەترىتى خادىملىرى تەرىپىدىن رايوندىكى سەھىيە مەركەزلىرىگە يۆتكەلدى، داۋاملىشىۋاتقان بومباردىمانلار نەتىجىسىدە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.

رايوندىكى پۇقراۋى قوغدىنىش ئەترىتى خادىملىرى، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ 19 – فېۋرالدىن 7- مارتقىچە بولغان جەرياندا ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى شەرقىي غۇتەگە ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىپ 862 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈنۈگۈن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى قوشقاندا، يېقىنقى 18 كۈندىن بۇيان ئۆلگەن پۇقرالار سانى 881 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر