جەلالئابادتىكى ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا نۇرغۇن كىشى يارىدار بولدى

ئافغانىستاننىڭ جەلالئاباد شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈر بەردى.

924883
جەلالئابادتىكى ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا نۇرغۇن كىشى يارىدار بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىلمىكى نامەلۇم كىشى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدىپ 16 كىشى يارىدار بولدى.

نانگارھار ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى ئاتۇئۇللاھ خان ھوگيانى ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسىنىڭ بەدىنىدىكى بومبىنى شەھەر مەركىزىدە ۋەقىف ئىشلىرى ئىدارىسى مۇدىرى مۇھەممەد زاھىر ھاققانى ئاپتوموبىلىغا يېقىنلىشىۋاقتان پەيتتە پارتلاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ھۇجۇمدا ھەققانىدىن باشقا يەنە شۇپىرى ۋە بىر پۇقرانىڭمۇ ھاياتىدى ئايرىلغانلىقىنى ھەمدە كۆپىنچىسى پۇقرالار بولۇپن جەمئىي 16 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋاپكارلىقىنى تېخىچە ھېچ قايسى تەرەپ ئۆستىگە ئالمىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر