كەركۈكتە دائېش تېررورچىلىرىغا ئېغىر زەربە بېرىلدى

كەركۈكتىكى بىر ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغان دائېشچىلارغا ئېغىر زەربە بېرىلدى.

922805
كەركۈكتە دائېش تېررورچىلىرىغا ئېغىر زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىگە قاراشلىق ھاۋىجە ناھىيەسىدىكى بىر ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغان 8 نەپەر دائېشچى ئۆلتۈرۈلدى.

ھاۋىجە ناھىيەلىك ھۆكۈمەت باشلىقى سەببان ئەل-جەببۇرى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ھۇجۇمدا ساقچى تەرەپتىن ئۆلگەن ياكى يارىلانغانلارنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنۇلارنى دېدى: «ناھىيەنىڭ يېقىن جايلىرىغا يوشۇرۇنىۋالغان دائېش تېررورچىلىرىنىڭ ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىشىدىن كېيىنلا كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى، ساقچى قىسىملىرى، تېررورىزىمغا قارشى زەربە بېرىش ساقچى ئەترىتى ۋە ھاشدى شابى كۈچلىرى تەرىپىدىن قوزغالغان ھەرىكەتتە يوشۇرۇنىۋالغان دائېش تېررورچىلىرىنى تازىلايمىز.»

ئىراق ساقچىلىرى ھاۋىجە ناھىيەسى بىلەن بۇ يەرگە قاراشلىق 4 بازارنى 2017-يىلى 5-ئۆكتەبىردە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن قايتۇرۇپ ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر