ياپونىيەنىڭ كىيۇشۇ ئارىلىدا يانار تاغ پارتلىدى
ياپونىيەنىڭ كىيۇشۇ ئارىلىدا 1421 مېتىر ئېگىزلىكتىكى شىنمۇ يانار تېغى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 11:00 دە پارتلىدى.
920711
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ئاگېنتلىقىنىڭ باياناتىدا، كاگوشىما بىلەن مىيازاكى ئۆلكىلىرى چېگراسىغا جايلاشقان يانار تاغنىڭ كۈل پۈركۈشكە باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
رايوندا 3 – دەرىجىلىك بىخەتەرلىك سىېگنالى ئېلان قىلىندى.
يەرلىك خەلق يانار تاغدىن 2 كېلومتېر ئۇزاق تۇرۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلدى.
يانار تاغدا ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم 2017 – يىلىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، تەخمىنەن 2 يېرىم كېلومېتىر ئېگىزلىككە كۈل پۇركۈگەن ئىدى.
ياپونىيە تىنچ ئوكيان ئاتەش جەمبىرى، يەر تەۋرەش ۋە ۋولقان لىنىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، 100 دىن ئارتۇق ئاكتىپ يانار تاغنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.