فىرانسىيە ئەسەد ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىش چاقىرىقىدا بولدى

فىرانسىيە سۈرىيەدە باششار ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن ئۇنى قوللاۋاتقان كۈچلەرنىڭ بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

920523
فىرانسىيە ئەسەد ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىش چاقىرىقىدا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئاگنېس ۋون دېر مۈھل ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ «ئىسانپەرۋەرلىك ياردەملەرگە ۋە كىشىلەرنى يۆتكەشكە شەرقىي غۇتەدىكى قوزغىلاڭچىلار توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ» دېگەن سۆزلىرىگە ئالاقىدار سوئالغا جاۋاپ بېرىپ، بارلىق تەرەپلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 24فېۋرال كىچىسى ئېلان قىلغان 1 ئايلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىشقا رىئايە قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

دېر مۈھل ئىنسانپەرۋرەلىك ياردەملەرنىڭ يەتكۈزۈلىشى ۋە كىشىلەرنى يۆتكەش خىزمەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرالالىشى ئۈچۈن بۇ ئۇرۇش توختىتىش قارارىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، بىراق ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا رىئايە قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. 

ۋون دېر مۈھل «بۇ ۋەجىدىن ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش قارارىغا دائىر مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى قوللىغۇچى كۈچلەرنى ئۇنىڭغا قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىق قىلىمىز» دېدى.

سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق تورى «SNHR»نىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ب د ت خەۋپسىز كېڭىشىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش قارارى ئېلان قىلىغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى 72 سائەت ئىچىدە، ئەسەد قىسىملىرى ئېلىپ بارغان ھۇجۇملاردا 34 كىچىك بالا ۋە 18 ئايال بولۇپ، جەمئىي 107 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ئىدلىب، ھۇمۇس ۋە شەرقىي غۇتەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەمەشق ئەتراپىدىكى ھۇجۇملىرىدا بولسا، 18 كىچىك، بالا ۋە 13 ئايال بولۇپ، جەمئىي 83 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنساپەرۋەرلىك خىزمەتلىرى ئىشخانىسى باياناتچىسى جېنس لاركە ئالدىنقى كۈنى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش قارارىغا ۋە رۇسىيە ئېلان قىلغان 5 سائەتلىك ئۇرۇش توختىتىشقىمۇ پىسەنت قىلماستىن، ئەسەد قىسىملىرىنىڭ قورشاۋى ئاستىدىكى شەرقى غۇتەنى بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر