پېنتاگون ي پ گ/ پ ك ك غا ياردەم قىلماقچى بولغان تېررورىستلار ھەققىدىكى سوئالغا ئۇدۇل جاۋاب بەرمىدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى دانا ۋايت سۈرىيە ھاكىمىيىتى تەرەپدارى تېررورىستلارنىڭ ئافرىنغا كىرىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك غا ياردەم قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا ئۇدۇل جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

916401
پېنتاگون ي پ گ/ پ ك ك غا ياردەم قىلماقچى بولغان تېررورىستلار ھەققىدىكى سوئالغا ئۇدۇل جاۋاب بەرمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون، بەش بۇرجەكلىك بىنا) نىڭ باياناتچىسى دانا ۋايت ھەپتىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللايدىغان تېررورىستلارنىڭ ي پ گ/ پ ك ك غا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئافرىنغا كىرىشىنىڭ، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ياكى بىلدۈرمەيدىغانلىقى سوئالىغا، بۇ ھەقتە قولىدا مەلۇمات يوقلۇقىنى، شۇڭا بۇ سوئالغا كېيىنچە يازما جاۋاب ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇدۇل جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى چەتكە ئالدى.

«ت ر ت خەبەر» مۇخبىرى: «ي پ گ ياكى س د گ نىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللايدىغان قوراللىق كۈچلەرنى ياكى ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ئافرىندا قارشى ئېلىۋاتقان فوتوگرافلىرىنى كۆردىڭىزمۇ؟ بۇ ئىككى گۇرۇپپا ئامېرىكانىڭ دۈشمىنى. ئامېرىكا ئىراننىڭ رايوندىكى تەسىرىنى ئاجىزلىتىپ، ئۇلارنى سۈرىيەدىن قوغلاپ چىقىرىشقا تىرىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكانىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىكى شېرىكلىرىنىڭ ئامېرىكا دۈشمەنلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىشىغا پېنتاگون قانداق قارايدۇ؟» دەپ سورىدى.

باياناتچى ىانا ۋايت: «ئۇ يەر ناھايىتى مۇرەككەپ ئۇرۇش مەيدانى. شۇڭا، بارلىق تەرەپلەرنى ئورتاق تەھدىت ھېسابلىنىدىغان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشكە مەركەزلىشىشكە چاقىرىمىز. ئۇرۇش ئاخىرلاشمىدى، دائېشقا قارشى ئۇرۇشتىن مەھرۇم قالدۇرۇش، دىققەتنى باشقا تەرەپكە بۇرۇۋېتىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر