ئامېرىكىدا كۆچمەن قانۇن تەكلىپى ئالىي پالاتادا ماقۇللانمىدى

ئامېرىكىدا كۆچمەن قانۇنىنى ئىسلاھ قىلىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن تەكلىپى ماقۇللانمىدى.

911599
ئامېرىكىدا كۆچمەن قانۇن تەكلىپى ئالىي پالاتادا ماقۇللانمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا كۆچمەن قانۇنىنى ئىسلاھ قىلىشنى مەزمۇم قىلغان قانۇن تەكلىپى ئالىي پالاتادا ماقۇللانمىدى.

مەزكۇر قانۇن تەكلىپى كىچىك ياشتا ئامېرىكىغا كەلگەن كۆچمەنلەرگە گىراژدانلىق بېرىشنى مەزمۇن قىلىدۇ.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئالىي پالاتا ئەزاسى جون ماككايىن تەرىپىدىن يىللار ئىلگىرى تەييارلانغان مەزكۇر قانۇن تەكلىپىگە ئالىي پالاتادا 45گە قارشى 54 ئاۋاز چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن مەزكۇر قانۇن تەكلىپىنىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن 60 ئاۋاز بولۇشى كېرەك.

مەزكۇر قانۇن تەكلىپى چېگرا بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشنى، كۆچمەنلەرگە قارشى تېخىمۇ چىڭ تەدبىرلەرنى قويۇشنى، كۆپ قىسمى جەنۇبىي ئامېرىكىدىن كىچىك ياشتا كەلگەن 1 مىليون 800 مىڭ كىشىگە گىراژدانلىق بېرىشنى، شۇنداقلا چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن 25 مىليارد دوللار سەرپ قىلىشنى مەزمۇن قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر