پۇتىن ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللاھ بىلەن كۆرۈشتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن موسكۋادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ئىيوردانىيە پادىشاھى 2 – ئابدۇللاھ بىلەن كۆرۈشتى.

912051
پۇتىن ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللاھ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇتىن ئابدۇللاھ  بىلەن كىرېمىل سارىيىدىكى ئۇچرىشىشىدا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيە بىلەن ئىيوردانىيە ئوتتۇرىسىدا بىخەتەرلىك ۋە ئىشەنچ ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 55 يىل بولغانلىقىنى، پادىشاھ ئابدۇللاھ بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

پادىشاھ ئابدۇللاھ بولسا، رۇسىيەنىڭ سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش يولىدا ئويناۋاتقان رولىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدا تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن سىياسىي باسقۇچتا رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردۇق.»

باياناتلاردىن كېيىن، ئىككى رەھبەر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە  سۆھبەت ئېلىپ باردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر