نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى
غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نىگېرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم 18 كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى.
912093
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، زامفارا ئۆلكىسىگە قاراشلىق نىرانى يېزىسىدا بىر گۇرۇپپا قوراللىق تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدىن كېيىن تەكشۈرۈش باشلانغان بولۇپ، رايوندا ئادەتتە دېھقانلار بىلەن چارۋىچىلار ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلار يۈز بېرىدىكەن.
ئۈچ كۈن ئىلگىرى پلاتاۋ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدىمۇ 5 كىشى قازا قىلغان ئىدى.