ئابباس: ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق سۆھبەتلىرىدە يىگانە مۇرەسسەلەشتۈرگۈچى بولۇشىنى رەت قىلىمىز

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس، ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق سۆھبەتلىرىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرگۈچىلىك رولىنى ئوينىشىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

909468
ئابباس: ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق سۆھبەتلىرىدە يىگانە مۇرەسسەلەشتۈرگۈچى بولۇشىنى رەت قىلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس پايتەخت موسكۋادا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەندە سۆز قىلىپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇرەسسەلەشتۈرگۈچىلىك سۆھبەتلىرىگە قارشى ئەمەسلىكلىرىنى بىلدۈردى؛ مەزكۇر سۆھبەتلەرنىڭ ئىرانغا ئالاقىدار كېلىشىمدىكىگە ئوخشاش تۆت ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ دۆلەتتىن تەشكىل تاپسا بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ئابباس، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرى يۈزىسىدىن، نۆۋەتتىكى باسقۇچتا ئۇلار بىلەن مۇرەسسەلەشتۈرگىچىلىك بويىچە ھەمكارلىق ئورنىتىشنى رەت قىلىمىز. خەلقئارالىق بىر يىغىن چاقىرىلغان تەقدىردە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغىلا ئەمەس، پەرقلىق مۇرەسسەلەشتۈرگۈچىلەرنىڭ بىرى بولۇشىنى خالايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

پۇتىن بولسا، پەلەستىن خەلقىنى ھەردائىم قوللاپ كەلگەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ، ھازىرقى ھالەتنىڭ ھەممە كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان نۇقتىدىن بەكلا يىراقتا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، 6 – دېكابىردا قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى، دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ۋە تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ قۇددۇسقا يۆتكىلىشى ئۈچۈن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يوليورۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

ۋىلادىمىر پۇتىن مەھمۇد ئابباس بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىندىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ، ترامپ بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، پەلەستىن – ئىسرائىلىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر