ترامپ: ھازىرغىچە ئوتتۇرا شەرقتە 7 تىرىليون دوللار پۇل خەجلىدۇق

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، دۆلىتىنىڭ بۈگۈنگىچە ئوتتۇرا شەرقتە 7 تىرىليون دوللار پۇل سەرپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

909686
ترامپ: ھازىرغىچە ئوتتۇرا شەرقتە 7 تىرىليون دوللار پۇل خەجلىدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ، ئاقسارايدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 2019 – يىللىق خامچوتى توغرىسىدا سۆز قىلىپ، ئوتتۇرا شەرققە ھازىرغىچە ناھايىتى زور مىقداردا پۇل خەجلىگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بىر قانچە ئاي ئىلگىرىكى ھېسابلاشلارغا قارىغاندا، ئوتتۇرا شەرقتە 7 تىرىليون دوللار خەجلىدۇق. ئېغىر خاتالىق، ئەمما، ئەھۋال بۇ. بۈگۈنكى ئوتتۇرا شەرقنىڭ ۋەزىيىتى ئۇ يەرگە بۇنىڭدىن 17 يىل ئىلگىرى ئاقىلانە بولمىغان بىر شەكىلدە كىرگەن چاغدىكىدىنمۇ ناچار. تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئەھۋال» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

پىرېزىدېنت بولۇشتىن ئىلگىرىكى سايلام سەپەرۋەرلىكى دولقۇنى جەريانىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىراقنى ئىشغال قىلىشىغا «ئېغىر خاتالىق» دەپ باھا بەرگەن ترامپ، دۆلىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە ئىلگىرىلەپ ھەربىي مۇداخىلە قىلىشىدىن بىئارام ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر