گۇتېررېس شىمالىي كورېيە پالامېنت باشلىقى كىم يوڭنام بىلەن كـۆرۈشتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونۇ گۇتېررېس قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۈچۈن يېتىپ بارغان جەنۇبىي كورېيەنىڭ پىيوڭچاڭ شەھىرىدە، شىمالىي كورېيە پالامېنت باشلىقى كىم يوڭنام بىلەن كـۆرۈشتى.

907697
گۇتېررېس شىمالىي كورېيە پالامېنت باشلىقى كىم يوڭنام بىلەن كـۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىباتلىقى باياناتچىسى فەرخان ھەق كۈندىلىك ئاخبارات ئېلىش يىغىنىدا، گۇتېررېسنىڭ ئۇچرىشىشلىرىدا كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللاردىن پاكلاش ئۈچۈن تىنچلىق ئاساسىدا بىرەر ھەل قىلىش چارىسى تېپىش يولىدا بارلىق تەرەپلەر دىيالوگ ئورنىتىشى لازىم، دېگەن ئارزۇسىنى كىم يوڭنامغا يەتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىككى يىلدىن بۇيان دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى ئۈزۈلۇپ قالغان جەنۇبىي كورېيە بىلەن شىمالىي كورېيە ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئىككى كورېيە تەنتەربىيەچىلىرىنىڭ بىرلا بايراق ئاستىدا پاراتتىن ئۆتۈشى ۋە ئىلىمپىك مۇسابىقىلىرىدا بىرلەشمە ئايال مۇز توپ ئەترىتىنىڭ قۇرۇلىشى ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئىدى. 

پىيوڭچاڭدىكى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇننىڭ سىڭلىسى كىم يوچوڭ ۋە ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنسمۇ ئىشتىراك قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر