بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇملىرى نۇرغۇن پۇقرانىڭ جېنىغا زامېن بولدى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ قورشاۋى ئاستىدىكى شەرقىي غۇتاغا قىلغان ھۇجۇملىرى 75 پۇقرانىڭ جېنىغا زامېن بولدى.

907332
بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇملىرى نۇرغۇن پۇقرانىڭ جېنىغا زامېن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان پۇقراۋى قوغدىنىش ئەترەتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىش خەۋپى بار ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، 2017 – يىلى 29 – دېكابىردىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان 42 كۈندە شەرقىي غۇتادا بومباردىمانلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغان پۇقرالارنىڭ سانى 524 كە يەتكەن، يارىلانغانلارنىڭ سانى  2 مىڭغا يېقىنلاشقان بولۇپ، ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتىروللۇقىدىكى شەرقىي غۇتادا تەخمىنەن 400 مىڭ پۇقرا ياشايدىكەن.

ئىنسانىي كىرىزىس بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان رايوندا يۈزلەرچە پۇقرا جىددىي، مىڭلارچە پۇقرا داۋالىنىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەن. بىمارلارنىڭ كۆپىنچىسى نارىسىدە بالىلار ۋە ياشانغان راك كېسەلىرىدىن تەشكىل تاپىدىغان بولۇپ، شەرقىي غۇتالىق كۆپ ساندىكى بوۋاقلار بىلەن نارىسىدە بالىلارمۇ ئاچارچىلىق ۋە دورا بولمىغانلىقى سەۋەبلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر