خىتاي ساقچىلىرى يۈز تونۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزئەينەكلەرنى ئىشلىتىشكە باشلىدى

خىتاي ساقچىلىرى، پېيىغا چۈشكەن كىشىلەرنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن يۈز تونۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزئەينەكلەرنى ئىشلىتىشكە باشلىدى.

906260
خىتاي ساقچىلىرى يۈز تونۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزئەينەكلەرنى ئىشلىتىشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۇماندارلارنىڭ ئۇچۇر ئارخىپى بىلەن بىر تۇتاش ئىشلەيدىغان كۆزئەينەكلەر، قىستاڭچىلىق ئىچىدىكى گۇماندارلارنى ئېنىقلاپ چىقىشقا ياردەمچى بولىدىكەن.

جىنجۇ شەھىرىدىكى پويىز ئىستانسىسىدىكى ساقچىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلىشكە باشلانغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزئەينەكلەر سايىسىدا ھازىرغىچە 7 كىشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

170 مىليونغا يېقىن خەۋپسىزلىك كامېراسى ئاكتىپ ئىشلىتىلىۋاتقان خىتايدا، 3 يىل ئىچىدە يەنە 400 مىليونغا يېقىن يېڭى خەۋپسىزلىك كامېراسىنىڭ ئورنىتىلىشى كۈتۈلمەكتە.

خىتايدىكى كامېرالارنىڭ كۆپىنچىسىدە يۈز تونۇش تېخنىكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈنئىي ئەقىل ئىشلىتىلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر