غەربىي قىرغاقتا يەھۇدىي ئېقىندىلار پەلەستىنلىكلەرگە ھۇجۇم قىلدى

غەربىي قىرغاقنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا يوھۇدىي ئېقىندىلار بەزى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئاپتوموبىللىرىغا تاش ئېتىپ ھۇجۇم قىلدى ۋە بىر قانچە پەلەستىن پۇقراسىنى يارىدار قىلدى.

904420
غەربىي قىرغاقتا يەھۇدىي ئېقىندىلار پەلەستىنلىكلەرگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شاھىتلارنىڭ بايان قىلىشىچە، راماللاھنىڭ غەربىدىكى پەلەستىن زېمىنىغا سېلىنغان دولېۋ قانۇنسىز يەھۇدىي ئولتۇۇراق رايونىدا تۇرۇشلۇق بىر گۇرۇپپا يەھۇدىيلار ئىسرائىليە ئەسكەرلىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا رايوندىكى يېزىلارغا بارىدىغان چوڭ يولغا توپلىشىپ، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئاپتوموبىللىرىغا ۋە يىپادە كېتىۋاتقان پۇقرالارغا تاش ئېتىپ ھۇجۇم قىلغان.

پەلەستىن خەۋەر ئاگېنتلىقى ۋافانىڭ غەرىبي قىرغاقتىكى ئولتۇراقلىشىش ئىشلىرى مەسئۇلى غاسسان دەغلەسنى مەنبە قىلغان خەۋىرىدە، يەھۇدىي ئېقىندىلارنىڭ نابلۇستىكى ھۇۋۋارا تەكشۈرۈش پونكىتىغا يېقىن جايدا ئاپتوموبىللارغا ھۇجۇم قىلغانلىقى ۋە بەزى پەلەستىنلىكلەرنىڭ يېنىك يارىدار بولغانلىقى قەيت قىلىندى. 

غاسسان دەغلەس بىراچا ئولتۇراق رايونىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ نابلۇسنىڭ جەنۇبىدىكى بۇرىندىمۇ پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

غەربىي قىرغاقنىڭ سەلفىت شەھىرى ئەتراپىدىمۇ تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇمدا، بىر يەھۇدىي كۆچمەننىڭ ئۆلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.

شاھىتلار ۋەقەدىن كېيىن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ سەلفىت شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر قانچىلىغان پەلەستىن ئولتۇراق رايونلىرىغا بېسىپ كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى ۋە شەھەرنىڭ كىرىپ - چىقىش ئېغىزلىرىنى پۈتۈنلەي تاقىۋالغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر