پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 11 ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلدى

پاكىستاننىڭ شىمالىدا مەيدانغا كەلگەن بومبىلىق ھۇجۇمدا 11 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلدى.

903114
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 11 ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان ئارمىيەسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، كابال رايونىدىكى سىۋات ۋادىسىدا بىر ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسىنىڭ بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىنى ئەسكەرلەر مەشىق قىلىۋاتقان ئەسنادا پارتلىتىپ، 11 ئەسكەرنىڭ ئۆلۈمى، 13 ئەسكەرنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تەھرىكى تالىبانى پاكىستان ناملىق تەشكىلاتى ئۈستىگە ئالدى.

پاكىستان باش مىنىستىرى شاھىد خاقان ئابباسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى، ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەسكەرلەر ئۈچۈن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

سىۋات ۋادىسى، 2007 – 2009 – يىللىرى تەھرىكى تالىبانى پاكىستاننىڭ كونتروللۇقىدا قالغان بولۇپ، پاكىستان ئارمىيەسى 2009 – يىلى ئۇدا 2 ئاي ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، رايوندىكى قوراللىق ئۇنسۇرلارنى قوغلاپ چىقارغانىدى.

تەھرىكى تالىبانى پاكىستان ھەرىكىتى، 2013 – يىلى يانۋار ئېيىدا بىر دىنىي مەركەزگە ھۇجۇم قىلىپ، 21 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن، 70 ئادەمنى يارىلاندۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر