لوس ئانژېلىستىكى بىر مەكتەپتە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئامېرىكانىڭ لوس ئانژېلىس شەھىرىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.

901979
لوس ئانژېلىستىكى بىر مەكتەپتە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ لوس ئانژېلىس شەھىرىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئىككى ئوقۇغۇچى يارىلاندى.

بىلدۈرۈلىشىچە، ساقچىلار جىنايەت گۇماندارىنى تۇتقان ۋە ھۇجۇمدا ئىشلەتكەن قورالىنى قولغا چۈشۈرۈپ، ۋەزىيەتنى كونترول ئاستىغا ئالغان.

لوس ئانژېلىس ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھۇجۇمدىن كېيىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان 15 ياشلىق ئوغۇل ئوقۇغۇچىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن، 15 ياشلىق يەنە بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ بولسا، ھاياتىي خەۋپى يوق ئىكەن.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، مەكتەپكە قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى ئەۋەتىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر