«FBI»نىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى مۇددەتتىن بۇرۇن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلدى

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI)نىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ئاندرېۋ مىك كابە مارت ئېيىدا پېنسىيەگە چىقىدىغانلىقىغا قارىماستىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.

899641
«FBI»نىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى مۇددەتتىن بۇرۇن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI)نىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر مەسئۇلى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، مىك كابەنىڭ راستىنلا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتتى.

مارت ئېيىدا نورمال پېنسىيەگە چىقىش ۋاقتى كېلىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما مىك كابەنىڭ قالغان بارلىق يىللىق رۇخسەت كۈنلىرىنى ئىشلىتىپ، تۈنۈگۈندىن باشلاپلا ئاكتىپ ھالدا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

مىك كابەنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشىنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI)دە ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇرغانلىقى، ھەممەيلەننىڭ مۇئاۋىن دىرېكتور مارت ئېيىغىچە ۋەزىپسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، دېگەن قاراشتا ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

كۈتۈلگىنىدىن تەخمىنەن 2 ئاي بۇرۇن ۋەزىپىسىنى تاشلىغان مىك كابە رۇسىيە مەسلىسىدىكى تەكشۈرۈشلەر دائىرىسىدە، ئامرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ ئېغىر تەنقىدلىرىگە ئۇچراپ كەلمەكتە ئىدى.

مىك كابە دېموكراتچىلارنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى ھىلارى كلىنتونغا مۇناسىۋەتلىك ئېلخەتلەر بۆلۈمىدە ئاكتىپ ۋەزىپە ئۆتىگەن بولۇپ، شۇ مەزگىللەردە ئېلان قىلغان باياناتلىرى سەۋەبىدىن دونالد ترامپ بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالغان ئىدى.

دېكابىر ئېيىدا ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە، مىك كابەنىڭ قەتئىي ھالدا مارت ئېيىدا پېنسىيەگە چىقىش ۋاقتى توشقان ھامان ۋەزىپىسنى تاشلاش قارارىغا كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن ئىدى.

رۇسىيەگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەر دائىرىسىدە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI)دا ئەڭ دەسلەپ يۈز بەرگەن چوڭ داۋالغۇش 9 - مارتتا سابىق دىرېكتور جامېس كومىنىڭ ترامپ تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى بىلەن باشلاندى.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى رۇسىيەگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرگە ئالاھىدە ھوقۇقلۇق مۇپەتتىش سۈپىتىدە 17 – ئاپرېلدا روبېرت مۇللېرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر