ترامپ بىلەن مېي داۋوستا كۆرۈشتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي شىۋېتسارىيەنىڭ داۋوس ناھىيەسىدە كۆرۈشتى.

897562
ترامپ بىلەن مېي داۋوستا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي 48-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلگەن  شىۋېتسارىيەنىڭ داۋوس ناھىيەسىدە كۆرۈشتى.

كۆرۈشۈشتە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ : سىلەرگە بىر ئىش بولغاندا دەرھال يېنىڭلاردا بولۇپ بولىمىز ۋە سىلەر ئۈچۈن كۈرۈشكە ئاتلىنىمىز، دېدى.

ترامپ يەنە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى يىللاردا تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تېرېسا مېيمۇ: ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ئارىسىدىكى ئالاھىدە مۇناسىۋەت بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدۇ، دېدى.

ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مېي سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «پۈتكۈل دۇنيا ئاساسەن دېگۈدەك ئوخشاش مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، سىزمۇ دېگەندەك بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز.»

تېرېسا مېي ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا ھەر ئىككى دۆلەتكە پايدىسى بولىدىغان تېخىمۇ ياخشى سودا مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنىمۇ ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر