كاتالونىيە پارلامېنتى پىرېزىدېنت نامزاتى پۇئىگدېمونت توغرىسىدا بېلەت تاشلايدۇ

كاتالونىيە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت پارلامېنتى كېلەر ھەپتە بېلگىيەگە قېچىپ كەتكەن پىرېزىدېنت نامزاتى كارلېس پۇئىگدېمونت توغرىسىدا ئىشەنچ بېلىتى تاشلاشقا تەييارلاندى.

897523
كاتالونىيە پارلامېنتى پىرېزىدېنت نامزاتى پۇئىگدېمونت توغرىسىدا بېلەت تاشلايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كاتالونىيە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت پارلامېنتى سابىق پىرېزىدېنت پۇئىگدېمونتنىڭ قايتىدىن ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان بېلەت تاشلاشنى كۈنتەرتىپكە قويدى. مەركىزىي ھۆكۈمەت بولسا، سوت مەھكىمىسىنىڭ «توسقۇنلۇق يوق» دېگەن قارارى بار بولسىمۇ، ئەمما بۇنى توختىتىش ئۈچۈن ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىشنى قارار قىلدى.

كاتالونىيە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت پارلامېنتى باشلىقى روگېر توررېنتنىڭ ئىمزاسى بىلەن ئېلان قىلىنغان كۈنتەرتىپكە ئاساسلانغاندا، 30-يانۋر (سەيشەنبە) چۈشتىن كېيىن سائەت 15:00 تە پىرېزىدېنتلىققا نامزات كۆرسىتىلگەن پۇئىگدېمونت ھەققىدە ئىشەنچ بېلىتى تاشلىنىدىكەن.

يەنە بىرتەرەپتىن، ئىسپانىيە مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن سوت مەھكىمىسى توپلىنىپ، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئۈمىد قىلغاننىڭ دەل ئەكسىچە، پۇئىگدېمونتنىڭ پىرېزىدېنت بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھېچقانداق ئەھۋالنىڭ يوقلۇقى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى. بۇنىڭ تەسىرىدە، مەركىزىي ھۆكۈمەت پۇئىگدېمونت ھەققىدە بېلەت تاشلاشنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇشنى قارار قىلدى.

«دۆلەتكە قارشى ئىسيان قىلىش ۋە قارشى چىقىش»، «دۆلەت مال-مۈلكىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن پۇئىگدېمونت، تۇتۇلماسلىق ئۈچۈن يىغىنلارغا كامېرا ئارقىلىق قاتنىشالايدىغانلىقىنى ۋە ۋاكالەت بېرىش ئارقىلىق بېلەت تاشلىيالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مەركىزىي ھۆكۈمەت كاتالونىيە پارلامېنتىدىكى بېلەت تاشلاشنى توسىيالمىغان تەقدىردە، پۇئىگدېمونتنىڭ كامېرا ئارقىلىق قەسەم بېرىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر