ئادۋوكات خالىد ئەلى پىرېزىدېنت نامزاتلىقىدىن چېكىندى

مىسىرلىق ئادۋوكات خالىد ئەلى پىرېزىدېنت نامزاتلىقىدىن چېكىنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

896895
ئادۋوكات خالىد ئەلى پىرېزىدېنت نامزاتلىقىدىن چېكىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ بۇلغۇسى نامزاتلىرىدىن ئادۋوكات خالىد ئەلى، مارت ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا نامزات بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

خالىد ئەلى پايتەخت قاھىرەدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، نامزات بولۇش قارارىنى سابىق باش ئىشتاب باشلىقى سامى ئەننان دۇچ كەلگەن ۋەقەدىن كېيىنكى باشقۇرۇش ئورگانلىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇش يۈزىسىدىن چىقارغانلىقىنى قەيت قىلدى.

مىسىردا مارت ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ نامزاتلىققا تىزىملىتىش مۇددىتى 29 – يانۋار يەكشەنبە كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. ھازىرغىچە نامزاتلىقى جەزملەشكەن بىردىنبىر كىشى ھازىرقى پىرېزىدېنت ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىى. نامزات بولىدىغانلىقىنى ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئېلان قىلغان سابىق باش ئىشتاب باشلىقى سامى ئەننان، ئالدىنقى كۈنى ئارمىيە تەرىپىدىن باشلىتىلغان تەكشۈرۈشتىن كېيىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان، ئارقىدىن مىسىر سايلام ئورگىنى ئەننانىڭ نامزاتلىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانىدى.

پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا نامزات بولىدىغانلىقى قەيت قىلىنىۋاتقان يەنە بىر كىشى ئاغدۇرۇۋېتىلگەن پىرېزىدېنت ھۆسنى مۇبارەك دەۋرىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئەھمەد شەفىق ئىدى. خېلىدىن بۇيان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ياشاۋاتقان شەفىق، نويابىر ئېيىدا دۆلىتىگە قايتىشتىن ئىلگىرى نامزات بولۇش نىيىتى بارلىقىنى ئېلان قىلغان، بىراق مىسىرغا بارغاندىن كېيىن پىكرىدىن ۋاز كەچكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر