ترامپ مۇپەتتىشنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئالاھىدە ھوقۇقلۇق مۇپەتتىش روبېرت مۇئېللېر داۋاملاشتۇرۇۋاتقان رۇسىيە تەكشۈرۈشى دائىرىسىدە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بېرىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

896897
ترامپ مۇپەتتىشنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا مۇداخىلە قىلىپ – قىلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈۋاتقان مۇئېللېرنىڭ قەسەم بەرگەندىن كېيىن قىلىندىغان سوراقتا سورىدىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ترامپ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، «مەنمۇ ھەقىقەتەن سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتىمەن. ھېچبىر مەسىلە، ھېچقانداق توسالغۇ يوق. مېنىڭ ئاساسلىق ئەندىشەم، سىلەر مۇخبىرلارنىڭ بولۇپ ئۆتكەنلەر ئىشلارنى توغرا يەتكۈزمەسلىكىڭلاردۇر» دېدى.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى جېف سېسىئونسمۇ، مۇئېللېر داۋاملاشتۇرۇۋاتقان رۇسىيە تەكشۈرۈشىگە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر