ئەردوغان ترامپ بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

896532
ئەردوغان ترامپ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ترامپنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئىشقا ئاشۇرۇلغان تېلېفوندا ئۇچرىشىشىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىسىنى تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى تەشكىل قىلغان. ئەردوغان ترامپقا تۈركىيەنىڭ «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 51 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قانۇنىي قوغدىنىش ھوقۇقىغا، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىگە ئالاقىدار قارارلىرىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن، تۈركىيەنىڭ نىشانىنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئافرىننى تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىدىن تازىلاش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئىككى رەھبەر سۈرىيە ۋە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە قويۇق ئالاقىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكىتلەشكەن.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر