تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د / ي پ گ ئەلبابغا ھۇجۇم قىلدى
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د / ي پ گ نىڭ ئەلبابغا قىلغان ھۇجۇمىدا بىر كىچىك بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ تەرىپىدىن ئېتىلغان بومبا ناھىيە مەركىزىدىكى ھىكمە دوختۇرخانىسىغا 150 مېتىر كېلىدىغان پۇقرالارنىڭ چېدىر رايونىغا چۈشتى.
كەچ سائەت 19:30 دا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا 10 ياشلىق بىر كىچىك بالا كۆيۈپ ھاياتىدىن ئايرىلدى.
بىرلا ئائىلىدىن 2 كىشى ئېغىر بولۇپ، جەمئىي 5 كىشى يارىدار بولدى. يارىدارلار دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىندى.
ئەلباب ناھىيەسىنىڭ ئامانلىقىنى قوغداۋاتقان ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىرىدىن ئەبۇ ئىسمائىل ئېلان قىلغان باياناتىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ نىڭ ئەلبابنىڭ غەرىبىدىن 10 كېلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى شەئالە رايونىدىن توپ ياكى راكىتامىيۇت بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
تېررورلۇق تەشكىلاتى تۈنۈگۈنمۇ سۈرىيە – تۈركىيە چېگراسىغا جايلاشقان ئازەز ناھىيەسىنىڭ دوختۇرخانا رايونىغا ھۇجۇم قىلغان ئىدى.
ھۇجۇمدا پىسىخىئولوگىيەلىك كېسەللىكلەر بۆلىمىدە داۋالىنىۋاتقان بېمارلاردىن بىرسى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 14 بېمار يارىدار بولغان ئىدى.