شى جىنپىڭ دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

سۆھبەتتە، شى جىنپىڭنىڭ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسۋەتلەرنىڭ مەستەھكەم ۋە مۇقىم ھالدا تەرەققىي قىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتىلگەنلىكىنى قەيت قىلىندى.

889521
شى جىنپىڭ دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دنالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «CCTV» ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشلىرىدا كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتىدىن باشقا يەنە ئۆزئارا سودا ۋە ئىقتىساد مۇناسىۋەتلىرىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

سۆھبەتتە خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد ۋە سودا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتكە كونكېرت مەپئەئەتلەرنى يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن شى جىنپىڭنىڭ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسۋەتلەرنىڭ مەستەھكەم ۋە مۇقىم ھالدا تەرەققىي قىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەزگۈر مەسىلىلەرنى ئىجابىي شەكىلدە مۇزاكىرە قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. خىتاي بىلەن ئامېرىكا قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا زەھەرلىك چىكىملىككە قارشى كۈرەش، ئىنسانپەرۋەرلىك، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ رىغبەتلەندۈرۈلىشىنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنى تىلغا ئالدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپمۇ خىتاي بىلەن يۇقىرى دەرجىلىك ئۇچرىشىشلارنى كۆپەيتىپ، ئۆزئارا سودا ۋە ئىقتىساد ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

خىتاي دۆلەت رەئىس شى، كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، بۇ رايوننىڭ يادرولۇق قوراللاردىن تازىلىنىشى ۋە دىيالوگنىڭ قايتىدىن باشلىنىشى ئۈچۈن مۇناسىپ ھالەتنىڭ شەكىللەندۈرۈلىشى ھەمدە ھازىرقى يارىتىلغان ئۈنۈملەرنىڭ داۋاملىشىشى يولىدا ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تەڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىقتا بولدى. 

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بولسا، بۇ مەسلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوينايدىغان رولىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە خىتاي بىلەن بۇ ھەقتە زىچ ئالاقە ئورنىتىشنى شۇنداقلا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر