ھىندىستاننىڭ ئافغانىستاندىكى ئەلچىخانىسىغا بومبا چۈشتى

بومبىنىڭ كىملەر تەرىپىدىن ۋە قەيەردىن ئېتىلغانلىقى ھەققىدە تېخىچە ئېنىق بىرەر مەلۇمات يوق.

889089
ھىندىستاننىڭ ئافغانىستاندىكى ئەلچىخانىسىغا بومبا چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاننىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ھويلىسىغا باشقۇرۇلمايدىغان بومبا چۈشكەنلىكى، ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىدار بولۇش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى راۋىش كۇمار: «يېقىندا كابىلدىكى ئەلچىخانىمىزنىڭ ھويلىسىغا باشقۇرۇلمايدىغان بومبا چۈشتى. ئەلچىخانا مۇئەسسەسىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى بىناغا يېنىك زىيان يەتكۈزدى. ئوت كېتىش، ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىدار بولۇش  ھادىسىسى كۆرۈلمىدى. باش ئەلچىمىز بارلىق خادىملارنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى» دېدى. 

بومبىنىڭ كىملەر تەرىپىدىن ۋە قەيەردىن ئېتىلغانلىقى ھەققىدە تېخىچە ئېنىق بىرەر مەلۇمات يوق.

ئافغانىستاندا پائالىيەت قىلىۋاتقان رادېكال گۇرۇپپىلارنىڭمۇ ھېچ بىرسى ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر