ترامپ ئىران توغرىسىدىكى قارارىنىڭ مۇددىتىنى «ئاخىرقى قېتىم» ئۇزارتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، يادرو كېلىشىمى دائىرىسىدە قارار قىلىنغان ئىراندىن ئېمبارگونى كۆتۈرۈۋېتىش ھۆججىتىنىڭ مۇددىتىنى «ئاخىرقى قېتىم» ئۇزارتتى.

887358
ترامپ ئىران توغرىسىدىكى قارارىنىڭ مۇددىتىنى «ئاخىرقى قېتىم» ئۇزارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ ئىران بىلەن ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەش دائىمىي ئەزاسى ۋە گېرمانىيە ئارىسىدا ئىمزالانغان يادرو كېلىشىمىنىڭ ئېمبارگولارغا ئالاقىدار ماددىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئالاقىدار ئەمەلدارلار، ئىراندىن ئېمبارگونى كۆتۈرۈۋېتىش قارارىنىڭ مۇددىتىنىڭ 120 كۈن ئۇزارتىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئاقساراي بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، تۆتىنچى شۇنداقلا ئاخىرقى قېتىم مۇددىتى ئۇزارتىلغان كېلىشىمگە كېرەكلىك ئۆزگەرتىشلەرنىڭ كىرگۈزۈلۈشىنىڭ تەلەپ قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى؛ باياناتتا، ئىراننىڭ رايوننى مۇقىمسىزلاشتۇرىدىغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ۋە بۇنى توختىتىشى ئۈچۈن ئىرانغا بېسىم ئىشلىتىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

باياناتتا يەنە، تېھران دائىرىلىرى ئىرانلىقلارنىڭ ئاساسىي ھەق – ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلىرىنى بېرىشكە چاقىرىلدى.

ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپتىن ئىراندىن يادرو كېلىشىمىگە ئالاقىدار ئېمبارگونى كۆتۈرۈۋېتىش توغرىسىدىكى ھۆججەتنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىپ، يەنە بىر تەرەپتىن يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشى دىققەتنى تارتتى؛ ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يادرو كېلىشىمىگە ئالاقىدار قارارىدىن كېيىنلا ئىراننىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش ۋە قوراللىنىش پائالىيەتلىرىنى قوللىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 14 كىشى ۋە ئورگانغا جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر