قاتار ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئۈستىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا شىكايەت قىلدى

قاتار ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ئائىت بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ قاتارنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا شىكايەت قىلدى.

886773
قاتار ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئۈستىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا شىكايەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزى قاتاردىكى «‹ئەلجەزىرە› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر نۇسخىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېسقىمۇ سۇنۇلغان شىكايەتنامىدە، ۋەقەنىڭ قاتارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، چېگرا ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ئاياغ ئاستى قىلىش ھەم خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ھەمدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ بۇنداق قىلمىشلىرى داۋاملاشقان تەقدىردە، قاتارنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن ئۆزىنىڭ قانۇنىي قوغدىنىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ، ھاۋا تەۋەلىكى، چېگرا رايونلىرى ۋە مىللىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ۋەقەنىڭ قاچان يۈز بەرگەن توغرۇلۇق ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن، بۇ ھەقتە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىمۇ تېخىچە بايانات ئېلان قىلمىغان.

چېگرىغا تاجاۋۇز قىلىش قىلمىشىنىڭ 5 – ئىيۇن كۈنى قاتار بىلەن بەزى ئەرەب ئەللىرى ئوتتۇرىسىدا كىرىزىس باشلانغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم يۈز بېرىشى دىققەت قوزغىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر