بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى ئولتۇراق رايونى بەرپا قىلىش پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

886975
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسى ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچىسى نىكولاي ملادېنوۋ يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى رايونىدا مىڭدىن ئارتۇق يېڭى تۇرالغۇ جاي بىنا قىلىش قارارىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن قانۇنسىز ۋە تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىدىن بۇ پىلانىدىن ۋاز كېچىشىنى تەلەپ قىلدى  ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئولتۇراق رايونى بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرىنىڭ «ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈم» نى ئىشقا ئاشۇرۇش پىلانىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ يەھۇدىيلار ئولتۇراق رايونلىرىغا قوشۇمچە تۇرالغۇ جايلارنى بەرپا قىلىش پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈردى ھەمدە بۇ پىلان ئىجرا قىلىنغان تەقدىردە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ خەۋپ ئاستىدا قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى  فېدېرىكا موغېرىنىنىڭ ئىشخانىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئولتۇراق رايونلىرى قۇرۇش ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان پائالىيەتلىرىگە قارىتا پوزىتسىيەسىنىڭ ناھايىتى ئوچۇق ئىكەنلىكى ھەمدە ھېچ ئۆزگەرمىگەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئىسرائىلىيەنىڭ يەھۇدىيلار ئولتۇراق رايونى قۇرۇشقا ئالاقىدار بارلىق پائالىيەتلىرى ھەم خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن قانۇنسىزدۇر ھەم ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈم ۋە ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش پىلانىغا ئېغىر زەربىدۇر. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىدىن بۇ قارارلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشى ۋە ۋاز كېچىشىنى كۈتمەكتە. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈم دائىرىسىدە مۇزاكىرىلەرنىڭ قايتىدىن باشلىنىشى ئۈچۈن ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىندىن سىرت يەنە، بارلىق خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن داۋاملىق ئالاقە ئورنىتىدۇ. جۈملىدىن ئىسرائىلىيە – پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چارىسى ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈمدۇر.»

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى ئىشغالىيەت ئاستىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا جايلاشقان يەھۇدىيلار ئولتۇراق رايونلىرىدا قوشۇمچە تۇرالغۇ جايلارنى سېلىش قارارىنى ماقۇللىغان. بېنيامىن نېتېنياھۇ باش مىنىستىرلىقىدىكى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە شەرقىي قۇددۇستا يەھۇدىيلار ئولتۇراق رايونى قۇرۇش پائالىيەتلىرىنى تېزلەشتۈرگەن. ئىسرائىلىيە 1967 – يىلدىن بۇيان ئىشغال ئاستىدا تۇتۇۋاتقان ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 131، شەرقىي قۇددۇستا 10، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ئېگىزلىكلىرىگە جايلاشقان رايونلاردا 116 ئولتۇراق مەھەللىسى بەرپا قىلغان. ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئولتۇراق رايونلىرىدا تەخمىنەن يېرىم مىليون، شەرقىي قۇددۇستا 220 مىڭ يەھۇدىي كۆچمەن ياشاۋاتقان بولۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ نىشانى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى يەھۇدىي كۆچمەنلىرىنىڭ سانىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 1 مىليونغا يەتكۈزۈش ئىكەن. ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنىدا يەھۇدىيلار ئولتۇراق رايونلىرى قۇرۇش پائالىيەتلىرى خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن قانۇنسىز ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر