ترامپ رۇسىيە بىلەن خۇپىيانە كېلىشمىگەنلىكىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 2016-يىلدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمى جەريانىدا رۇسىيە بىلەن خۇپىيانە كېلىشمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

886226
ترامپ رۇسىيە بىلەن خۇپىيانە كېلىشمىگەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ رۇسىيە بىلەن مەخپىي كېلىشكەنلىكى توغرىسىدا پەيدا بولغان قاراشلارنىڭ «تولىمۇ بىمەنە» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دونالد ترامپ رۇسىيە بىلەن مەخپىي كېلىشكەنلىكى توغرىسىدا پەيدا بولغان قاراشلارغا تۋىتتېر ئادرېسىدا جاۋاب قايتۇردى.

ترامپ ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە ئامېرىكا تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە جادىگەر ئوۋچىلىقى بولىۋاتىدۇ. رۇسىيە بىلەن مەخپىي كېلىشىم تۈزۈلمىدى، دېموكراتچىلارمۇ بۇنى ئوبدان بىلىدۇ، لېكىن بۇ توغرىسىدا گەپ-سۆزلەر توختىماي بولىۋاتىدۇ، رۇسىيە ۋە دۇنيا بۇ ئەھۋالغا قاراپ كۈلىۋاتقان بولسا كېرەك، جۇمھۇرىيەتچىلەر دەرھال چارە قوللىنىشى لازىم.»

پىرېزىدېنت دولاند ترامپ نورۋېگىيە باش مىنىستىرى ئېرنا سولبېرگ بىلەن ئاق سارايدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، باشقا دۆلەتلەر بىلەن قانداق كېلىشىم تۈزۈلگەن بولسا، رۇسىيە بىلەنمۇ ئوچۇق-ئاشكارە كېلىشىم تۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيە بىلەن دۈشمەن بولغاندىن كۆرە، دوست بولغان ياخشى، شىمالىي كورېيەدەك ئاپەت  بار يەردە رۇسىيە بىلەن كۈچلۈك ھەمكارلىق ئورنىتىش زۆرۈردۈر.»

دونالد ترامپ ئالاھىدە ھوقۇقلۇق تەپتىش روبېرت مۇئېللېر تەكشۈرۈۋتقان رۇسىيە دېلوسى دائىرىسىدە سوراققا چاقىرىلىش ئېھتىمالى توغرىسىدا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

مۇئېللېرنىڭ ئۆزىنى سوراققا چاقىرىش ئېھتىمالىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتقان ترامپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى ھازىرچە بىلەلمەيمىز، رۇسىيە بىلەن مەخپىي كېلىشمىدۇق، شۇڭا تەپتىش مېنى سوراققا چاقىرالمايدۇ. پىرېزىدېنتلىق سايلىمى جەريانىدا رۇسىيە بىلەن خۇپىيانە كېلىشىدىغان قەتئىي يۈز بەرمىدى.»

ئامېرىكىدا 2016-يىلى 8-نويابىردىكى پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىغا رۇسىيەنىڭ سىبەر (ئىنتېرنېت) ئارقىلىق چېقىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ تەكشۈرۈش باشلىغانىدى، بۇنىڭدىن سىرت ئالاھىدە ھوقۇقلۇق تەپتىش خادىمى روبېرت مۇئېللېرمۇ بۇلتۇر ماي ئېيىدا بۇ ئىش توغرۇلۇق ئايرىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى.

دونالد ترامپنىڭ مەسلىھەتچىسى مانافورت «رۇسىيە دېلوسى»دائىرىسىدە ئۆزىنى ئەيىبلىگەن تەپتىش خادىمى روبېرت مۇئېللېرنى «ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتىش » بىلەن ئەيىبلەپ ئۈستىدىن ئەرز قىلدى.

رۇسىيە دائىرىلىرى بولسا 2016-يىلدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىغا ئارىلىشالمىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ توغرىسىدا پەيدا بولغان قاراشلارنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ نەچچە قېتىم بايانات ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر