شىمالىي كورېيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئوتتۇرىسىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلار باشلىنىپ كەتتى

جەنۇبىي كورېيە بىرلەشمە ئىشلىرى مىنىستىرى چو مىيۇڭ گىيون «پىيوڭچاڭ قىشلىق ئولېمپىك مۇسابىقىلىرى بىر تىنچلىق فېستىۋالىغا ئايلاندى» دېدى.

884358
شىمالىي كورېيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئوتتۇرىسىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلار باشلىنىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن قايتىدىن يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۇچرىشىشلىرىنى باشلىدى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا رايونىدا، ئەسكەرلەردىن خالىي رايون قىلىپ بېكىتلىگەن پانمۇنجوم يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشقا ھەر ئىككى تەرەپتىن 5 ھەيئەت ئىشتىراك قىلدى.

جەنۇبىي كورېيە بىرلەشمە ئىشلىرى مىنىستىرى چو مىيۇڭ گىيون ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، «پىيوڭچاڭ قىشلىق ئولېمپىك مۇسابىقىلىرى بىر تىنچلىق فېستىۋالىغا ئايلاندى. بۇنىڭ ھەر ئىككى كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاش ئۈچۈن تاشلانغان بىر قەدەمگە ئايلىنىشىنى ئۈچۈن ئۆز - ئارا يىغىن  ۋە ئۇچرىشىشلار ئارقىلىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز» دېگەن ئىدى. 

يىغىن ھەققىدىمۇ ئىجابىي سېگناللارنى بەرگەن چو مىيۇڭ گىيون مۇزاكىرىلەرنىڭ بىرەر نەتىجىگە ئېرىشىشى جەھەتتە، ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن مۇئامىلە قىلمايدىغانلىقىنى، يىغىنلارنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلدى.

شىمالىي كورېيە تىنچلىقپەرۋەر بىرلەشمە كومىتېتى باشلىقى رى سۇنگىۋونمۇ،  «ئىككى كورېيەنىڭ سەمىمىي ۋە سادىق بىر پوزىتىسيە ئىچىدە ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يادرو سىناقلىرى تۈپەيلىدىن كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ كەتكەن بىر مۇھىتتا ئۆتكۈزۈلمەكتە.

جەنۇبىي كورېيە ۋە شىمالىي كورېيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرى قاتنىشىشدىغان دىيالوگ يىغىنلىرىدا، جەنۇبىي كورېيەدە ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغان 2018 – يىللىق پىيوڭ چاڭ قىشلىق ئولېمپىك مۇسابىقىلىرىغا شىمالىي كورېيەنىڭمۇ قاتنىشىشىدىن باشقا يەنە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسدىكى يېرىكلەشكەن مۇناسىۋەتلەرنى يۇمشىتىش شۇنداقلا كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ يادورلۇق قوراللاردىن پاكلىنىشى قاتارلىق تېمىلارنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىشى مۆلچەرلەنمكتە. 

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسدا باشلانغان بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش 2015 – يىلى دېكابىر ئېيىدىن بۇيانقى تۈنجى قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىش بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر