سەئۇدى ئەرەبىستاندا نامايىش قىلغان 11 شاھزادە نازاەتكە ئېلىندى

ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سالمىغان 11 شاھزادىنىڭ پادىشاھلىق مۇھاپىزەتچىلىرى تەرىپىدىن  نازارەتكە ئېلىنىپ، ھائىر تۈرمىسىگە يۆتكىۋېتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

882970
سەئۇدى ئەرەبىستاندا نامايىش قىلغان 11 شاھزادە نازاەتكە ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا پادىشاھلىق سارىيى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن 11 شاھزادىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ «سەبق خەۋەر تورى» 11 شاھزىدىنىڭ تۇغقانلىرىدىن بىرسىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەپۇ قىلىنىشىغا ۋە ئەمىرلەرنىڭ توك، سۇ پولى قاتارلىق خىراجەتلىرىنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن تۆلىنىشىگە دائىر قارارنامىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان پادىشاھ پەرمانىغا نازارىلىق بىلدۈرۈپ، پادىشاھلىق سارىيى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. 

خەۋەردە، شاھزادىلەرنىڭ تارقىلىپ كېتىشى ھەققىدە چاقىرىقلارنىڭ ئېلان قىلنغانلىقى، ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سالمىغان 11 شاھزادىنىڭ پادىشاھلىق پەرمانىنىڭ تەقەززاسى بويىچە، پادىشاھلىق مۇھاپىزەتچىلىرى تەرىپىدىن  نازارەتكە ئېلىنىپ، ھائىر تۈرمىسىگە يۆتكىۋېتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر