ئىسىرائىلىيە پارلامېنتى پەلەستىنلىكلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش قانۇن تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى

پەلەستىنلىكلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش تەكلىپ قىلىنغان قانۇن لايىھەسى، ئىسىرائىلىيە پارلامېنتىدا ئېلىپ بېرىلغان بىرىنچى قېتىملىق بېلەت تاشلاشتا قوبۇل قىلىندى.

881402
ئىسىرائىلىيە پارلامېنتى پەلەستىنلىكلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش قانۇن تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە پارلامېنتى پەلەستىنلىكلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش قانۇن تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى. پارلامېنتنىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، قانۇن تەكلىپى 49 غا قارشى 52 ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان.

ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ قانۇن تەكلىپىنى قوللاپ، ئۆلۈم جازاسىنىڭ «جىددىي ۋەزىيەتلەردە ئادالەت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

نېتانياھۇ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا قانۇنسىز ھالدا سېلىنغان يەھۇدىي تۇرالغۇسىدا يۈز بەرگەن ۋە ئۈچ كۆچمەن يەھۇدىينىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇمنى خاتىرىلەتتى ۋە مۇنداق دېدى:

«ھاياتىمدا كۆپ ئىشلارنى كۆرگەن ئىدىم، ئەمما بۇ ۋەقە مېنى چۆچۈتۈۋەتتى. كىشىلەرنىڭ قورقۇنچلىق جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزىدىغانلىقى ۋە ياشاشقا لايىق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇن مىساللار بار، شۇڭا قانۇننى مۇشۇنداق ئەھۋاللار ئۈچۈن ئۆزگەرتىمىز.»

قانۇن تەكلىپىنىڭ رەسمىي قانۇن بولۇپ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن پارلامېنتتا ئىككى قېتىم ئاۋازغا قويۇلۇپ قوبۇل قىلىنىشى كېرەك. ئىسىرائىلىيەدە نورمال سوت مەھكىمىلىرىدە ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەيدۇ. ھەربىي سوتتا بولسا، ناھايىتى مۇستەسنا ئەھۋاللاردا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. 1962-يىلى بىر سابىق ناتسىست جىنايەتچىسىگە بېرىلگەن ئىدى.

ئىسىرائىلىيەدە چىقىدىغان «خارېيتىز گېزىتى» نىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە، ئىسىرائىلىيە ئىچكى ئىستىخبارات ئىدارىسى شاباكنىڭ، تەكلىپ قانۇنلاشقان تەقدىردە يەھۇدىيلارنىڭ پەقەت ئىسلام دۆلەتلىرىدىلا ئەمەس، بەلكى غەرب دۆلەتلىرىدىمۇ گۆرۈگە ئېلىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە، ئىچكى ئىستىخبارات ئىدارىسى شاباكنىڭ باشلىقى ناداۋ ئارگاماننىڭ تەكلىپ پارلامېنتتا ئاۋازغا قويۇلغاندا نارازىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر