رۇسىيە ئىرانغا تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلاشسا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

رۇسىيە نامايىشلارغا سەھنە بولىۋاتقان ئىرانغا تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلاشسا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

879825
رۇسىيە ئىرانغا تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلاشسا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئىراننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئىراندىكى نامايىشلارنىڭ ئۇلغىيىپ كەتمەسلىكىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئىرانغا تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مىنىستىرلىق تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىراندا 5كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلارنىڭ ئىراننىڭ ئىچكى مەسلىسى ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى ئىراننىڭ نۇرغۇن شەھىرىدە مال باھاسىنىڭ يۇقىرلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلۈپ باشلىغان،بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ھاكىمىيەتكە قارشى ھەرىكەتلەرگە ئۆزگىرىپ كەتكەن نامايىشلاردا 10دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر