ھەسەن رۇھانى نامايىشچىلارغا مۇھىم سوئال قويدى

ئىران پىرېزىدېنتى  ھەسەن رۇھانى، «رايون ۋە دۆلىتىمىز ئىنتايىن سەزگۈر بىر دەۋرنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان ھازىرقى چاغدا ياشلارنىڭ ۋە خەلقىمىزنىڭ تېخىمۇ سەگەك بولۇشىنى تەلەپ قىلىمەن» دېدى.

879499
ھەسەن رۇھانى نامايىشچىلارغا مۇھىم سوئال قويدى

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئىران ھۆكۈمەت كابېنتى تەرىپىدىن نامايىشلارنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن چاقىرىلغان جىددىي يىغىندا سۆز قىلىپ، دۆلەت ئاساسىي قانۇنى ۋە گېراژدانلىق ھەق – ھوقۇقلىرىدا بەلگىلەنگىنىدەك خەلقنىڭ تەنقىد قىلىش ۋە ئېتىراز بىلدۈرۈش جەھەتتە تولۇق ئەركىنلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىراننىڭ مەشھەد شەھىرىدە پەيشەنبە كۈنى نامايىش باشلانغاندىن بۇيان تۈنجى قېتىم بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلغان رۇھانى، خەلقنى كۈشكۈرتۈشلەرگە قارشى سەگەك بولۇشقا چاقىردى.

ھەسەن رۇھانى: «تەنقىد ۋە ئېتىراز؛ دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ ياخشىلايدىغان نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان شەكىلدە بولۇشى لازىم» دېدى.

خەلقنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىلىرىنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئۆتمۈشكە ۋە يەنە بىر قىسمىنىڭ ھازىرقى مەزگىلگە تەۋە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ھەسەن رۇھانى، ئىجتىمائىي نارازىلىقنىڭ دۆلەتكە زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.      

ھەسەن رۇھانى: «دۆلىتىمىزنى دۈشمەنلەر پايدىلىنالايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشتىن ئۇزاق تۇرۇش لازىم. رايون ۋە دۆلىتىمىز ئىنتايىن سەزگۈر بىر دەۋرنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان ھازىرقى چاغدا، ياشلارنىڭ ۋە خەلقىمىزنىڭ تېخىمۇ سەگەك بولۇشىنى تەلەپ قىلىمەن» دېدى.

ھەسەن رۇھانى يەنە مۇنداق دېدى:

«دۆلەت بىلەن خەلق بىر - بىرىگە ياردەمچى بولۇشى لازىم. خەلقنىڭ تەنقىدلىرى پەقەتلا ئىقتىسادقا قارىتىلغان ئەمەس، خەلقىمىز چىرىكلىك ۋە ئوچۇق – يورۇق بولماسلىق مەسىلىسىنىڭمۇ ھەل بولۇشىنى تەلەپ قىلماقتا. ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ سودا – سانائەت ساھەسى شەكىللەندۈرۈش تىرىشچانلىقى داۋاملىشىۋاتىدۇ. خەلقنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى 5-6 يىلدىن بۇيان تېخىچە ياخشىلانغىنى يوق»

ھەسەن رۇھانى مۇھىت بۇلغۇنىشى، ئىشسىزلىق قاتارلىق ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرۈپ، «چىرىكلىككە قارشى كۈرەش قىلىشىمىز لازىم ۋە خەلق خىزمەتلىرىمىزنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشى لازىم. بۇ مەسىلىلەر چوقۇم ھەل قىلىشنىشى لازىم. بىراق قايسى يول بىلەن؟» دەپ سورىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر