ئىران نامايىشچىلارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى

ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇررىزا رەھمانى فازلى يېقىنقى كۈنلەردە ئىراندا پەيدا قىلىنىۋاتقان مالىمانچىلىق مۇھىتىنىڭ دۆلەتكە ھېچقانداق پايدسى يوقۇلۇقىنى بىلدۈردى.

879200
ئىران نامايىشچىلارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پارلامېنتى مۇئاۋىن باشلىقى ئەلى مۇختارى «تۇرمۇش بويۇملىرىنىڭ قىممەتلەپ كېتىشىگە ئېتىراز بىلدۈرۈش» يۈزىسىدىن 4 كۈن ئىلگىرى باشلانغان ۋە پۈتۈن دۆلەت مىقياسىغا كېڭىيىپ كەتكەن نامايىشلار ئۈستىدە توختىلىپ، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى خەلقنىڭ نامايىش ئۆتكۈزۈش تەلەپلىرىگە نىسبەتەن قېيىنچىلىق تۇغدۇرماسلىق كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلدى.

ئىرانلىق ئوقۇغۇچىلار خەۋەر ئاگېنتلىقى «ISNA»، ئەلى مۇختارىنىڭ: «ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى خەلقنىڭ مەدەنىي ئېتىرازلىرىنى قوبۇل قىلىپ، نامايىشقا رۇخسەت قىلىشتا قېيىنچىلىق چىقارماسلىقى لازىم» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئەلى مۇختارى ئىراندا نامايىش كۈلتۈرىنىڭ يىلتىز تارتمىغانلىقى، شۇڭا نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ قىسغىنە ۋاقىتتىن كېيىن ئەسلىدىكى مەقسىتىدىن چەتنەپ كېتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «بۇنىڭ سەۋەبى ھېچبىر توپلىشىشقا رۇخسەت قىلىنمىغانلىقى،  ھەر تۈرلۈك نامايىشلارنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنستىرلىقى تەرىپىدىن قانۇنسىز دەپ قارالغالىقىدۇر» دېدى.

ئىران دۆلەت ئاساسىي قانۇنىدا ئىسلامىي قائىدىلەرگە زىت بولماسلىق ۋە قورال ئىشلىتىلمەسلىك شەرتى بىلەن خەلقنىڭ نامايىشلىرىغا رۇخسەت قىلىنىشى ئېنىق بىلدۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەلى مۇختارى، ئالاقىدار مەسئۇللارنىڭ خەلقنىڭ مەدەنىي ئېتىرازلىرىنى تىلغا ئالالىشى ئۈچۈن مۇناسىپ مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇررىزا رەھمانى فازلى يېقىنقى كۈنلەردە ئىراندا پەيدا قىلىنىۋاتقان مالىمانچىلىق مۇھىتىنىڭ دۆلەتكە ھېچقانداق پايدسى يوقۇلۇقىنى بىلدۈرۈپ، «خەلقىنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزغانلارغا تېگىشلىك جاۋاپ بېرىلىدۇ» دېدى.           

ھۆكۈمەت، پارلامېنت ۋە ئەدلىيەنىڭ تاشلىغان قەدەملىرى بىلەن نۇرغۇنلىغان ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن رەھمانى فازىلى: «ھۆكۈمىتىمىز، پارلامېنتىمىز ۋە ئەدلىيە تارماقلىرىمىز خەلقنىڭ تەلىپىنى قامداش ئۈچۈن قەدەملەرنى تاشلاشقا تەييار» دېدى.

ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى رەھمانى فازىلى نامايىشلار جەريانىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئىمكانىيەتتىن پايدىلىنىپ، زوراۋانلىق ۋە خاتىرجەمسىزلىك تۇغدۇرۇشنىڭ كويىدا يۈرگەنلەرگە چوقۇم تېگىشلىك جاۋاب بېرىلىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر