شىمالىي كورېيە ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

شىمالىي كورېيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن يادرو پىلانى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

872170
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ رەسمىي گېزىتى «رودوڭ سىنمۇن»، شىمالىي كورېيە دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن يادرو پىلانى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ پىيوڭياڭغا يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشنىڭ بىر قەدىمى، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

«رودوڭ سىنمۇن» گېزىتىدىكى باياناتتا، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ھۇجۇمچى ئۇسلۇبى ئارقىلىق بىزنى كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى جىددىيچىلىكنىڭ جاۋابكارى، دەپ كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا. يادرو قوراللىرىدىن ۋاز كېچىشىمىزنى قولغا كەلتۈرۈش نىشان قىلىنغان سۆھبەتلەرنى قوبۇل قىلمىغىنىمىزدا، دېڭىز مۇھاسىرىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان يېڭى بىر ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارى چىقىرىشقا رىغبەتلەندۈرۈش يولىدا قەدەملەر تاشلانماقتا. يادرو كۈچىمىزنى ئاشۇرۇش مەقسەتلىك يولىمىزدىن بىر مىللىمېتىرمۇ ئېغىپ كەتمەيدىغان شەكىلدىكى پوزىتسىيەمىزنى ساقلاپ قالىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ باياناتى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسوننىڭ «شىمالىي كورېيە بىلەن ئالدىنقى شەرتسىز سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييارمىز» دېگەن باياناتىدىن كېيىن ئېلان قىلىندى. رېكس تىللېرسون، مەزكۇر باياناتنى بېرىپ بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، شىمالىي كورېيەگە ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي بېسىم ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

بۇ جەرياندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان يېڭى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسى ھۆججىتىدە، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرى بىلەن مىليونلارچە ئامېرىكىلىقنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

«شىمالىي كورېيە راكېتا بىلەن قويۇپ بېرىشكە بولىدىغان خىمىيەلىك ۋە بىيولوگىيەلىك قوراللارنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ كويىدا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن مەزكۇر ھۆججەتتە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن، شىمالىي كورېيە ۋە ئىراننى نۇقتا قىلغان ھالدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر