جەنۇبىي كورېيە خىتاي بېلىقچىلىرىغا ئوق چىقاردى

جەنۇبىي كورېيە ساھىل بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ غەربىي دېڭىز ساھىللىرىدا قانۇنغا خىلاپ ھالدا بېلىق تۇتۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن خىتاي بېلىقچىلىرىنى يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئوق چىقارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

872386
جەنۇبىي كورېيە خىتاي بېلىقچىلىرىغا ئوق چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونھاپ ئاگېنتلىقى جەنۇبىي كورېيە ساھىل بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ جەنۇبىي كورېيەنىڭ چەكلەنگەن ئىقتىسادىي رايونىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن، خىتاينىڭ 44 بېلىقچى پاراخوتىنى دەسلەپتە سۆز بىلەن ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە، بەزى پاراخوتلارنىڭ جەنۇبىي كورېيە چارلاش پاراخوتىغا قاراپ سوقۇلۇش ئۈچۈن ئىلگىرىلىگەندە، جەنۇبىي ساھىل بىخەتەرلىكى خادىملىرىنىڭ ئوق چىقارغانلىقى، شۇنداق بولسىمۇ خىتاي بېلىقچى پاراخوتلىرى رايوندىن ئايرىلمىغانلىقتىن جەنۇبىي كورېيە تەرەپنىڭ تۆت چارلاش پاراخوتىنى ئىشقا سالغانلىقى ۋە خادىملارنىڭ 200 پاي ئوق چىقارغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

مەسئۇل دائىرىلەر، خىتاي بېلىقچى پاراخوتلىرىنىڭ تۇنجى ئاگاھلاندۇرۇش ئوقى چىقىرىلىپ ئارىدىن بەش سائەت ئۆتكەندە رايوندىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

خىتاي بېلىقچى پاراخوتلىرىدا ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىسىنىڭ يۈز بەرگەن ياكى بەرمىگەنلىكى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. بىراق، جەنۇبىي كورېيە تەرەپتە ھېچقانداق زىيان كۆرۈلمىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ جىددىي ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ۋەقەدىن كۆپ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى. خۇا چۈنيىڭ جەنۇبىي كورېيەگە بېلىقچىلارنىڭ ھاياتىنى خەۋپكە ئۇچرىتىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىققا چاقىرىپ، سېئۇل ھۆكۈمىتىنى قانۇنغا ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلىشقا ۋە بېلىقچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا دەۋەت قىلدى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بېلىقچىلارنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشى سەۋەبىدىن سەۋەبىدىن پات-پات يىرىكچىلىكلەر يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر