ھىندېنوزىيەدە ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ھىندېنوزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتادا ھىندېنوزىيە ئۆلىما مەجلىسىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

869903
ھىندېنوزىيەدە ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندېنوزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتادا ئامېرىكىنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

ھىندېنوزىيە ئۆلىما مەجلىسى تەرىپىدىن ھىندېنوزىيەنىڭ ئەركىنلىك سىمۋولى بولغان موناس مەيدانىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان نامايىشقا ئون مىڭلارچە ئادەم قاتناشتى.

پەلەستىن بايراقلىرى بىلەن «قۇددۇس مۇسۇلمانلارنىڭدۇر»، «پەلەستىنلىكلەر بىلەن بىر سەپتىمىز» ۋە «ئەركىن پەلەستىن»دېگەن مەزمۇندا خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋېلىشقان نامايىشچىلار ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەگە قارشى شوئار توۋلاشتى.

نامايىشقا قاتناشقان ھىندېنوزىيە ئۆلىما مەجلىسى باشلىقى مەرۇف ئەمىن سۆز قىلىپ ھىندېنوزىيە خەلقىنى ئامېرىكا ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى.

ئەمىن مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر قانداق شارائىتتا پەلەستىنگە ئىگە چىقىپ قوغدىشى لازىملىقىنى ۋە شەرقىي قۇددۇسنى پەلەستىننىڭ پايتەختى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىش قارارىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ھىندېنوزىيە دىنى ئىشلار مىنىستىرى لوقمان ھەكىم سەيفىددىنمۇ ھىندېنوزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئاداققىچە قوللايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

نامايىشقا نۇرغۇن ئاممىۋى تەشكىلات ۋە جامائەتنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى.

ساقچىلار نامايىشتا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر