ئىسرائىلىيە، غەززەگە ئېچىلىدىغان ئىككى چېگرا ئېغىزىنى تاقىۋېتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

ئىسرائىلىيە، غەززە تەرەپ بىلەن ئۇنىڭغا ئېچىلىدىغان كەرەم ئەبۇ سالىم ۋە بەيت ھانۇن چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقىۋېتىشنى قارار قىلدى.

867977
ئىسرائىلىيە، غەززەگە ئېچىلىدىغان ئىككى چېگرا ئېغىزىنى تاقىۋېتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى باياناتچىسى ئاۋىچاي ئادرائې يازما بايانات ئېلان قىلىپ، كەرەم ئەبۇ سالىم سودا چېگرا ئېغىرى بىلەن ئەرەز (بەيت ھانۇن) چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ يېقىنقى خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى تۈپەيلى بۈگۈندىن باشلاپ تاقىۋېتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مۇھاسىرە ئاستىدىكى غەززە تەرەپتىن تۈنۈگۈن ئىسرائىلىيەگە راكېتامىيوت ئېتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

ئارمىيە باياناتچىسى ئادرائې بۇ ھەقتە توختىلىپ، غەززە تەرەپتىن ئىسرائىلىيەگە راكېتامىيوت ھۇجۇمى قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ غەززەدىكى بىر ھەربىي رايونىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر