«خىتاي خەلقئارانىڭ قائىدە-پىرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلىشى كېرەك»
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن خەلقئارانىڭ قائىدە-پىرىنسپىلىرى بويىچە ئىش تۇتۇشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن خەلقئارانىڭ قائىدە-پىرىنسىپلىرى ۋە قانۇنلىرى دائىرىسىدە زورىيىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.
ۋاشىنگىتوندا چاقىرىلغان ئاتلانتىك كېڭىشى كورېيە ۋەقپىسى مۇنبىرىدە سۆز قىلغان تىللېرسون مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ <بىر بەلۋاغ بىر يول>سىياسىتى ئەمەلىيەتتە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدۇ، ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن زورىيىشىغا توسالغۇ بولمايۋاتىدۇ، بىراق بىزچە بولغاندا، خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتىن خەلقئارانىڭ قائىدە-پىرىنسىپلىرى ۋە قانۇنلىرى دائىرىسىدە زورىيىشى كېرەك، خىتاي<بىر بەلۋاغ ۋە بىر يول>سىياسىتى ئارقىلىق باشقىچە قائىدە-پىرىنسىپ بېكىتىشكە ئۇرۇنىۋاتقاندەك قىلىدۇ.»
تىللېرسون ئاخىرىدا رايوندىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەركىن سودا قىلىش جەھەتتىن باراۋەر ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.