ئەردوغان قۇددۇس مەسىلىسى توغرۇلۇق دۇنيا رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قۇددۇس مەسىلىسى توغرۇلۇق دۇنيا رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

864852
ئەردوغان قۇددۇس مەسىلىسى توغرۇلۇق دۇنيا رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان قۇددۇس كىرىزىسى توغرۇلۇق قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە لىۋان پىرېزىدېنتى مىشېل ئاۋن قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

تېلېفون ئۇچرىشىشلىرىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىش تەشەببۇسىنىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، بۇ مۇقەددەس جاينىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈنمۇ قوغدىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئەردوغاننىڭ فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفوندا  ئۇچرىشىشىدا، بۇ ھەقتە ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىش توغرۇلۇق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى.

ئۇچرىشىشلاردا، ئەردوغان تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداش يولىنىڭ 1967 – يىلقى چېگرا لىنىيەلىرى ئاساس قىلىنغان ۋە پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان مۇستەقىل ۋە ئۆز – ئۆزىگە خوجا پەلەسىتن دۆلىتىنىڭ مەۋجۇدىيىتىدىن ئۆتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ھەمدە تۈركىيەنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن 13 – دېكابىر كۈنى ئىستانبۇلدا پەۋقۇلئاددە باشلىقلار يىغىنى چاقىرىشىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر