ترامپ پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ غەزەپ – نەپرىتىنى قوزغىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىش ئارقىلىق پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ قاتتىق  غەزەپ – نەپرىتىنى قوزغىدى.

864755
ترامپ پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ غەزەپ – نەپرىتىنى قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە جۈمە نامىزىدىن كېيىن كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى ھەمدە بۇ نامايىشلاردا ترامپنىڭ قۇددۇس قارارىغا لەنەت ياغدى.

گېرمانىيەدە پەلەسىتنلىك گۇرۇپپىلارنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئامېرىكىنىڭ بېرلىن باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. شەھەردىكى تۈرك  جەمئىيەتلىرىمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈپ ترامپنىڭ قارارىنى ئەيىبلىدى ھەمدە رايوندا خىيالى پايتەختلەرنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق تىنچلىق ئورناتقىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ قارارنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارمۇ كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ترامپنىڭ قارارىغا نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى ھەمدە قۇددۇسنىڭ پەلەسىتننىڭ پايتەختى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

نىيۇ يوركنىڭ دۇنياغا داڭلىق « Times » مەيدانىغا يىغىلغان ۋە ناھايىتى چوڭ پەلەسىتن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان مىڭلارچە نامايىشچى پەلەسىتننى قوللاپ شوئارلارنى توۋلاشتى.

ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا شەھەردە ياشاۋاتقان تۈركلەرمۇ قاتناشتى.

ئاۋىستىرىيەنىڭ پايتەختى ۋىيانادا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردىمۇ كەڭ خەلق ئاممىسى ئامېرىكىدىن بۇ قارارىدىن ۋاز كېچىشىنى تەلەپ قىلدى.

گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئاتىنادىمۇ 500 دىن ئارتۇق پەلەسىتنلىك ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، ترامپنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

مالايشىيانىڭ پايتەختى كۇئالالۇمپۇردا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ قۇددۇس ئۈچۈن ئۇچرىشىش ئادرېسى تابۇڭ ھاجى جامەسى ئىدى. جۈمە نامىزىدىن كېيىن تەخمىنەن 2 مىڭ كىشى ئاممىۋى ھالدا پەلەسىتن ئۈچۈن دۇئا قىلدى.

تۇنىستىمۇ پەلەسىتن ۋە تۇنىس بايراقلىرىنى كۆتۈرۈۋالغان تەخمىنەن 5 مىڭ كىشى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەگە قارشى شوئارلارنى توۋلاشتى.

ھىندونېزىيەدە مىڭلارچە كىشى ئاچېدىكى «بۈيۈك بەيتۇررەھمان جامەسى» نىڭ ئالدىغا يىغىلدى ئاندىن «قۇددۇس مۇسۇلمانلارغا ئائىتتۇر» تەرىقىسىدە شوئار توۋلىغاچ  ئامېرىكىنىڭ جاكارتا باش ئەلچىخانىسىغا قاراپ ماڭدى.

باڭلادېش، ئىران، پاكىستان، ئافغانىستان ۋە ئىيوردانىيە  قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ ئامېرىكىنىڭ نومۇسسىزلارچە قارارىغا لەنەت ياغدى.

ماكېدونىيەنىڭ پايتەختى ئۈسكۈپتىكى مۇراتپاشا جامەسىدە مەنىلىك تەبلىغ بار ئىدى.

خاتىپ تەبلىغنى تۈرك تىلىدا قىلدى ھەمدە تۈركىيەنىڭ قۇددۇس ۋە پەلەسىتن داۋاسىنىڭ بايراقدارى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر