دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردە قۇددۇس قارارىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قۇددۇسنى ئىسىرائىلىيە پايتەختى دەپ تونىغانلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

864235
دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردە قۇددۇس قارارىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيوردانىيە پايتەختى ئامماندا بىر توپ كىشى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا يېقىن بىر جايغا توپلىنىپ نامايىش قىلدى ۋە ئىيوردانىيە-ئىسىرائىلىيە تىنچلىق كېلىشىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

نامايىشچىلار پەلەستىن بايرىقى ۋە مەسجىدى ئەقسانىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا، «قۇددۇس مەڭگۈگە پەلەستىننىڭ پايتەختى بولىدۇ» دېگەن شوئارلارنى توۋلىدى ۋە ترامپنىڭ رەسمىنى كۆيدۈردى. ساقچىلار ئەلچىخانا ئەتراپىدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى، شۇنداقتىمۇ نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى.

ماراكەشتىمۇ ئامېرىكانىڭ قۇددۇس قارارىغا قارشى پارلامېنت بىناسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

پاكىستاندا جامائەتى ئىسلامى پارتىيەسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى كاراچى شەھىرىدە ئامېرىكا ۋە ئىسىرائىلىيەگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۇيۇشتۇردى.

مىسىر پايتەختى قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، ئامېرىكا بىلەن ئىسىرائىلىيەنىڭ بايراقلىرى كۆيدۈرۈلدى.

تۇنىسنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدە ئامېرىكانىڭ قۇددۇسنى ئىسىرائىلىيە پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىشىغا قارشى مىڭلارچە كىشى قاتناشقان نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى.

پەلەستىندىكى ھەر قايسى گۇرۇپپىلارنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن غەززە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا، كىشىلەر پەلەستىن بايرىقى ۋە قۇددۇسنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا قاتناشتى. ئىسىرائىلىيە ساقچىلىرى غەززە چېگراسىدىكى نامايىشلارنى توسۇشقا تىرىشتى. نامايىشچىلار ساقچىلارغا تاش ئېتىپ ۋە بالون كۆيدۈرۈپ قارشىلىق قىلدى.

شەرقىي قۇددۇسنىڭ كونا شەھەر رايونىدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يۈرگۈزگەن ئىسىرائىلىيە خەۋپسىزلىك قىسىملىرى، ئىككى پەلەستىنلىك كىچىك بالىنى تۇتۇپ كەتتى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان ئىززەددىن ئەل قاسسام بىرىگادىلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان بەيت خانۇن بازىرىدا ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈپ، قۇددۇس قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى. ھەربىي پاراتتا، قاسسام بىرىگادىلىرى ئىشلەتكەن ئېغىر ۋە يىنىك تىپلىق قوراللار، تانكا ئاتارلار كۆرگەزمىگە قويۇلدى.

ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھىزبۇللاھ تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ھاسان نەسرۇللاھ ئامېرىكانىڭ قۇددۇس قارارىغا، يېڭى «بالفور خىتابنامىسى» دەپ باھا بەردى.

ئامېرىكانىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدىمۇ ترامپنىڭ قۇددۇس قارارىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى ۋە قۇددۇسنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ قىزىل سىزىقى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر