ئىيوردانىيە پادىشاھى تۈركىيەگە كېلىدۇ

ئىيوردانىيە پادىشاھى 2 – ئابدۇللاھ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەگە كېلىدۇ.

862421
ئىيوردانىيە پادىشاھى تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پادىشاھ ئابدۇللاھنىڭ تۈركىيە – ئىيوردانىيە ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 70 – يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان تۈركىيە زىيارىتىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت يەنە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «قۇددۇس» ئىغۋاگەرچىلىكىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مېھمىنىنى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئالىدۇ.

ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئۇچرىشىشتا يەنە، ئىراق ۋە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر